Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 9

لاۋىيلار 9:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ئاندىن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ‫‪:‬‬ ــ سىلەر گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە ئېلىپ كېلىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر موزاي ۋە بىر قوزا ئېلىپ كېلىڭلار، ھەر ئىككىسى بېجىرىم، بىر ياشقا كىرگەن بولسۇن؛
4پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن».
5ئۇلار مۇسا بۇيرۇغان نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى؛ پۈتكۈل جامائەت يېقىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇردى.
6مۇسا‫‪:‬‬ ــ مانا، بۇ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىشتۇر؛ بۇنى قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى سىلەرگە ئايان بولىدۇ، دېدى.
7شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇنغا‫‪:‬‬ ــ سەن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ گۇناھ قۇربانلىقىڭ بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنۇپ ئۆزۈڭ ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرگىن؛ ئاندىن خەلقنىڭ قۇربانلىقىنىمۇ سۇنۇپ، پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندەك ئۇلار ھەققىدە كافارەت كەلتۈرگىن» ــ دېدى.
8شۇنى دېۋىدى، ھارۇن قۇربانگاھقا يېقىن بېرىپ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان موزاينى بوغۇزلىدى.
9ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قاننى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بەردى؛ ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈردى، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە قۇيدى.

Read لاۋىيلار 9لاۋىيلار 9
Compare لاۋىيلار 9:3-9لاۋىيلار 9:3-9