Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 8

لاۋىيلار 8:7-22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ھارۇنغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى.
8ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ،   
9بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى.
10ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى.
11ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.
12ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.
13ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى.  
14ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى.
15ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى.
16ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى.
17بىراق مۇسا تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.  
18ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.
19ھارۇن قوچقارنى بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛
20ھارۇن قوچقارنى پارچە‫‪‎-‎‬‬پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى.
21ئۈچەي‫‪‎-‎‬‬قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى.
22ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.

Read لاۋىيلار 8لاۋىيلار 8
Compare لاۋىيلار 8:7-22لاۋىيلار 8:7-22