Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 6

لاۋىيلار 6:7-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
8پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
9سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام مۇنداق بولىدۇ‫‪:‬‬ ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار.
10كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛
11ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن.
12قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن.

Read لاۋىيلار 6لاۋىيلار 6
Compare لاۋىيلار 6:7-12لاۋىيلار 6:7-12