Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 6

لاۋىيلار 6:24-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
25ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام مۇنداق‫‪:‬‬ ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
26گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن.
27ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن.
28قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن.
29كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

Read لاۋىيلار 6لاۋىيلار 6
Compare لاۋىيلار 6:24-29لاۋىيلار 6:24-29