Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 6

لاۋىيلار 6:11-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن.
12قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن.
13ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن.
14ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام مۇنداق‫‪:‬‬ ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
15ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ.
16ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.
17ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

Read لاۋىيلار 6لاۋىيلار 6
Compare لاۋىيلار 6:11-17لاۋىيلار 6:11-17