Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 5

لاۋىيلار 5:7-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئەگەر ئۇ قويلاردىن قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن.
8ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، كاھىن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛   
9ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
10ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
11ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.
12ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن سۇنغۇچىنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ.

Read لاۋىيلار 5لاۋىيلار 5
Compare لاۋىيلار 5:7-12لاۋىيلار 5:7-12