Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 4

لاۋىيلار 4:11-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى،
12يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن.  
13ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا،   
14شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن.
15جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن.
16مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛
17شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن.

Read لاۋىيلار 4لاۋىيلار 4
Compare لاۋىيلار 4:11-17لاۋىيلار 4:11-17