Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 4

لاۋىيلار 4:1-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن‫‪:‬‬ ــ
3ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
4ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن.
5ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛
6كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن.
7شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛
8ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى،

Read لاۋىيلار 4لاۋىيلار 4
Compare لاۋىيلار 4:1-8لاۋىيلار 4:1-8