12ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن.
13ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.
14ئاندىن سۇنغۇچى كىشى بۇ قۇربانلىقتىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ،
15ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
16كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ماينىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر.