Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 2

لاۋىيلار 2:6-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ.
7سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن.
8شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ.
9كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ.
10ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
11سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ.
12بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن.
13سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن.

Read لاۋىيلار 2لاۋىيلار 2
Compare لاۋىيلار 2:6-13لاۋىيلار 2:6-13