18لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن.
19ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ.
20ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ،
21بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ.
22ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا،
23كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن.
24لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن.
25سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ.
26لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى.
27ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن.