Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 26

لاۋىيلار 26:17-40

Help us?
Click on verse(s) to share them!
17مەن يۈزۈمنى سىلەرگە قارشى قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئۇرۇلۇپ قاچىدىغان بولىسىلەر؛ سىلەرنى ئۆچ كۆرگۈچىلەر ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ؛ ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قاچىسىلەر.
18بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، بەلكى ماڭا يەنە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە بولغان جازانى يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن،
19كۈچ‫‪‎-‎‬‬ھەيۋەڭلاردىن بولغان ھاكاۋۇرلۇقىڭلارنى سۇندۇرىمەن؛ ئاسمىنىڭلارنى تۆمۈردەك قىلىپ، يېرىڭلارنى مىستەك قىلىۋېتىمەن؛
20ئەجىر‫‪‎-‎‬‬جاپايىڭلار بىكارغا كېتىدۇ، يېرىڭلار ھوسۇل بەرمەيدۇ، دالادىكى دەرەخلەرگە مېۋە چۈشمەيدۇ.
21ئەگەر يەنىلا مەن بىلەن قارشى ماڭساڭلار، شۇنداقلا ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، مەن گۇناھلىرىڭلارغا لايىق بېشىڭلارغا چۈشىدىغان ۋابا‫‪‎-‎‬‬كۈلپەتلەرنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىمەن.
22ئاراڭلارغا سىلەرنى بالىلىرىڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان، چارپايلىرىڭلارنى يوقىتىدىغان، سىلەرنى ئازلىتىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ يول‫‪‎-‎‬‬كوچىلىرىڭلار ئادەمزاتسىز چۆلدەك بولۇپ قالىدۇ.
23سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت‫‪‎-‎‬‬تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،
24مەنمۇ سىلەرگە قارشى مېڭىپ، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولغان جازانى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ، مەن ئۆزۈم سىلەرنى ئۇرىمەن؛
25ئۈستۈڭلارغا ئەھدەمنى بۇزغانلىقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغان قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر شەھەرلەرگە يىغىلىۋالىسىلەر، مەن ئاراڭلارغا ۋابا چۈشۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشىسىلەر.
26سىلەرگە يۆلەنچۈك بولغان ئاشلىقنى قۇرۇتىۋېتىمەن؛ ئون ئايال بىر بولۇپ بىر تونۇردا نان يېقىپ، نانلارنى سىلەرگە تارازىدا تارتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇنى يېگىنىڭلار بىلەن تويمايسىلەر.
27ئەگەر بۇلاردىن ھېچ ئىبرەت ئالماي، ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار، بەلكى ماڭا قارشى ماڭساڭلار،
28مەنمۇ قەھر بىلەن سىلەرگە قارشى ماڭىمەن؛ مەن، يەنى مەن ئۆزۈم گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن جازا‫‪‎-‎‬‬تەربىيىنى يەنە يەتتە ھەسسە ئېغىرلىتىپ چۈشۈرىمەن.
29شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئوغۇللىرىڭلارنىڭ گۆشى ۋە قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر؛
30شۇنداقلا مەن قۇربانلىق «يۇقىرى جاي»لىرىڭلانى ۋەيران قىلىپ، «كۈن تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى سۇندۇرۇپ، ئۆلۈكلىرىڭلارنى سۇنۇق بۇتلىرىڭلارنىڭ ئۈستىگە تاشلىۋېتىمەن؛ مېنىڭ قەلبىم سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ.   
31مەن شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، مۇقەددەس جايلىرىڭلارنى خاراب قىلىپ، قۇربانلىقىڭلارنىڭ خۇشبۇيلىرىنى يەنە پۇرىمايمەن؛
32زېمىننى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىمەن؛ ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان دۈشمەنلىرىڭلار بۇ ئەھۋالغا ھەيرانۇھەس قالىدۇ.
33سىلەرنى ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارىتىپ، كەينىڭلاردىن قىلىچنى سۇغۇرۇپ قوغلايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭلار ۋەيران بولۇپ شەھەرلىرىڭلار خاراب قىلىنىدۇ.
34ئۇ ۋاقىتتا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىڭلاردا، زېمىن ۋەيرانە بولغان بارلىق كۈنلەردە، زېمىن ئۆز شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇ زاماندا زېمىن دەرۋەقە ئارام ئېلىپ ئۆز شاباتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ.
35ئۆزى ۋەيرانە بولۇپ تۇرغان بارلىق كۈنلىرىدە ئۇ ئارام ئالىدۇ، يەنى سىلەر ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتىكى شابات كۈنلىرىڭلاردا ھېچ ئالمىغان ئارامنى ئەمدى ئالىدۇ.
36ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلار بولسا، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ زېمىنلىرىدا تۇرغىنىدا كۆڭۈللىرىگە يۈرەكزادىلىك سالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشكەن بىر يوپۇرماقنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىسا قىلىچتىن قاچقاندەك قاچىدۇ؛ ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يىقىلىپ چۈشىدۇ.
37گەرچە ھېچكىم ئۇلارنى قوغلىمىسىمۇ، دەرۋەقە قىلىچتىن يىقىتىلغاندەك ئۇلار بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىنىڭ ئۈستىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ سىلەردە دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ قالمايدۇ.
38ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.
39ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ.
40ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ،

Read لاۋىيلار 26لاۋىيلار 26
Compare لاۋىيلار 26:17-40لاۋىيلار 26:17-40