Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 25

لاۋىيلار 25:23-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
23يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس.
24سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك.
25ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن.
26ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا،
27ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن.
28لېكىن ئەگەر ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالمىسا، ئۆزى سېتىپ بەرگەن يەر ئازادلىق يىلىغىچە ئالغۇچىنىڭ قولىدا تۇرسۇن؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە يەر يەر سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىن چىقسۇن، ئۆز ئىگىسى ئۆز يەر‫‪‎-‎‬‬مۈلكىگە قايتسۇن.
29ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇ ئۆينى ساتقان بولسا، سېتىپ بىر يىل ئىچىدە ئۇنى ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر. تولۇق بىر يىل تۈگەپ بولغۇچە، ياندۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر.
30لېكىن پۈتۈن يىل ئىچىدە ياندۇرۇۋېلىنمىسا، سېپىللىق شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بۇ ئۆي نەسىلدىن‫‪‎-‎‬‬نەسىلگە ئالغان كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئازادلىق يىلى كەلسىمۇ ياندۇرۇلماس.
31لېكىن سېپىلسىز كەنتلەرنىڭ ئۆيلىرى بولسا زېمىننىڭ ئېتىزلىرىدەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇلارنى ياندۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىغا ياندۇرۇلىدۇ.
32لېكىن لاۋىي شەھەرلىرىدە بولسا، لاۋىيلار ئۆز مىراسى بولغان شەھەرلەردىكى ئۆيلىرىنى خالىسا ھەرقاچان قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى باردۇر.
33لاۋىيلاردىن بىرى ئۆيلىرىنى، يەنى ئۆز مىراسى بولغان شەھەردىكى بىر ئۆينى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، لېكىن قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسا، ئۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئازادلىق يىلى كەلگەندە ياندۇرۇلىدۇ؛ چۈنكى لاۋىي شەھەرلىرىنىڭ ئۆيلىرى بولسا لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسى بولىدۇ.
34شۇنداق ھەم بۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ چۆرىسىدىكى ئېتىز‫‪‎-‎‬‬يەرلىرى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەبەدىي مىراسى بولغاچقا، سېتىلسا بولمايدۇ.
35ساڭا قوشنا بولغان، قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز جېنىنى باقالماي قالسا، سەن ئۇنى مۇساپىر ياكى ياقا يۇرتلۇق مېھماندەك يېنىڭدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغىن.

Read لاۋىيلار 25لاۋىيلار 25
Compare لاۋىيلار 25:23-35لاۋىيلار 25:23-35