Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 25

لاۋىيلار 25:20-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20ئەگەر سىلەر‫‪:‬‬ ــ مانا، بىزگە تېرىپ ھوسۇلنى يىغىشقا ئىجازەت بېرىلمىسە، يەتتىنچى يىلى نېمە يەيمىز، دەپ سورىساڭلار،
21سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، ئالتىنچى يىلىدا ئۈچ يىلنىڭ ھوسۇلىنى بەرسۇن دەپ، مەن ئۈستۈڭلارغا بەرىكىتىمنى «چۈش» دەپ بۇيرۇيمەن.
22ۋە شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر سەككىزىنچى يىلى تېرىيسىلەر، ئەمما توققۇزىنچى يىلىغىچە ئېشىپ قالغان كونا ھوسۇلدىن تېخىچە يەيسىلەر؛ شۇ توققۇزىنچى يىلىغىچە سىلەر كونا ئاشلىقتىن يەيسىلەر.
23يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن سېتىلسا، مەڭگۈلۈك سېتىلمىسۇن، چۈنكى زېمىننىڭ ئۆزى مېنىڭكىدۇر، سىلەر بولساڭلار مېنىڭ يېنىمدىكى مۇساپىر ۋە مېھمان، خالاس.
24سىلەر ئىگە بولىدىغان پۈتكۈل زېمىندا يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە ئۇنى «قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقى»نى يارىتىپ بېرىشىڭلار كېرەك.
25ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلاردىن بىرى كەمبەغەللىشىپ، ئۆز مىراس يېرىنى سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يېقىن تۇغقىنى، يەنى «ھەمجەمەت شاپائەتچى»سى كېلىپ ئۆز قېرىندىشى ساتقان يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالسۇن.
26ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ شاپائەتچى تۇغقىنى بولمىسا، لېكىن ئۇ ياندۇرۇۋېلىشقا كېرەكلىك پۇلنى تاپالىسا،
27ئۇنداقتا ساتقىنىغا قانچە يىل بولغانلىقىنى ھېسابلاپ، ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىللار ئۈچۈن سېتىۋالغان كىشىگە مۇۋاپىق پۇل بېرىپ، ئۆز يېرىگە قايتسۇن.

Read لاۋىيلار 25لاۋىيلار 25
Compare لاۋىيلار 25:20-27لاۋىيلار 25:20-27