Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 25

لاۋىيلار 25:2-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ مەن سىلەرگە بېرىدىغان زېمىنغا كىرگىنىڭلاردا ئۇ زېمىننىڭ ئۆزىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر شابات ئارامىنى ئالسۇن.
3سەن ئالتە يىل ئېتىزىڭنى تېرىپ، ئالتە يىل تاللىق بېغىڭنى چاتاپ، ئۇلاردىن ھوسۇللارنى يىغقىن؛
4ئەمما يەتتىنچى يىلى زېمىننىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر «شاباتلىق ئارام» بولسۇن؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر «شابات» ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى سەن ئېتىزىڭنى تېرىمايسەن ۋە تاللىقىڭنى چاتىمايسەن.
5ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنى ئورمايسەن؛ ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزمەيسەن؛ چۈنكى شۇ يىل زېمىن ئارام ئالىدىغان يىلدۇر.
6ھالبۇكى، زېمىن شابات يىلىدا چىقارغان ھوسۇل ھەممىڭلارغا ئوزۇق بولىدۇ، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن، قۇل‫‪‎-‎‬‬دېدىكىڭ ئۈچۈن، مەدىكارىڭ ئۈچۈن ۋە سېنىڭكىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر ئۈچۈن، شۇنىڭدەك مال‫‪‎-‎‬‬ۋارانلىرىڭ ئۈچۈن
7ۋە زېمىنىڭدىكى ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ ئوزۇق بولىدۇ؛ زېمىننىڭ ھەممە ھوسۇلى ئوزۇق بولىدۇ.
8شۇنىڭدەك سەن يەتتە قېتىملىق شابات يىلىنى، يەنى يەتتە ھەسسە يەتتە يىلنى سانىغىن؛ يەتتە شابات يىل كۈنلىرى قىرىق توققۇز يىل بولىدۇ.
9شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ، يەتتىنچى ئايدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى، كافارەت كۈنىدە بۇرغا چېلىپ ساداسىنى يۇقىرى چىقىرىسىلەر؛ كافارەت كۈنىنىڭ ئۆزىدە سىلەر پۈتكۈل زېمىنىڭلاردا بۇرغىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىسىلەر.
10شۇ ئەللىكىنچى يىلىنى سىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىپ، پۈتكۈل زېمىندا ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازادلىقنى جاكارلىشىڭلار كېرەك. شۇ يىل سىلەرگە «ئازادلىق يىلى» بولىدۇ، ھەربىرىڭلار ئۆز يەر‫‪‎-‎‬‬مۈلۈكلىرىڭلارغا قايتىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتىڭلارغا قايتىپ بارىسىلەر.
11بۇ ئەللىكىنچى يىلى سىلەرگە بىر ئازادلىق يىلى بولسۇن؛ ئۇ يىلى ھېچ نېمە تېرىمايسىلەر، ئۆزلۈكىدىن ئۈنۈپ چىققان ھوسۇلنىمۇ ئورمايسىلەر ۋە چاتالمىغان تاللىرىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنىمۇ يىغمايسىلەر.
12چۈنكى بۇ ئازادلىق يىلى بولۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ھېسابلانسۇن؛ ئۇنىڭ ھوسۇلىنى بولسا، ئېتىز‫‪‎-‎‬‬دالىلاردىن تېپىپ ھەممىڭلار يەيسىلەر.
13ئازادلىق يىلى ئاراڭلاردىكى ھەربىر ئادەم ئۆز يەر‫‪‎-‎‬‬مۈلكىگە قايتسۇن.
14سىلەر قوشناڭلارغا بىرنېمە سېتىپ بەرسەڭلار، ياكى قوشناڭلاردىن بىرنېمە سېتىۋالساڭلار، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار.
15قوشناڭدىن يەرنى سېتىۋالساڭ، ئۇنداقتا «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆتكەن يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشىڭ كېرەك؛ ئۇمۇ قالغان يىللارنىڭ سانىغا قاراپ، يەرنىڭ كېيىنكى ھوسۇللىرىغا ئاساسەن ساڭا سېتىپ بەرسۇن.
16«ئازادلىق يىلى»غىچە بولغان يىللار كۆپرەك بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق يۇقىرى كۆتۈرىسەن؛ قالغان يىللار ئازراق بولسا، باھاسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېمەيتسۇن. چۈنكى قالغان يىللارنىڭ ھوسۇللىرى قانچە بولسا، ئۇ شۇ بويىچە ساڭا سېتىپ بېرىدۇ.
17سىلەر بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى بوزەك قىلماڭلار، بەلكى خۇدايىڭلاردىن قورقۇڭلار؛ چۈنكى مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
18سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ھۆكۈملىرىمدە تۇرۇپ، شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان تۇرىسىلەر.
19شۇنىڭ بىلەن زېمىن سىلەرگە ئۆز مېۋىسىنى بېرىدۇ، سىلەر تويغۇدەك يەپ، ئۇنىڭدا تىنچ‫‪‎-‎‬‬ئامان تۇرىسىلەر.

Read لاۋىيلار 25لاۋىيلار 25
Compare لاۋىيلار 25:2-19لاۋىيلار 25:2-19