Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 23

لاۋىيلار 23:5-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ.  
6شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پېتىر نان» ھېيتى بولىدۇ؛ سىلەر يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەيسىلەر.
7بىرىنچى كۈنىدە سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش قىلىپ، ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار.
8سىلەر يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ تۇرۇڭلار. يەتتىنچى كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ؛ ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار.
9پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
10سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ سىلەر مەن ئۆزۈڭلارغا تەقدىم قىلىدىغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ھوسۇل يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ دەسلەپكى پىشقىنىدىن بىر باغلامنى كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار.
11كاھىن سىلەر ئۈچۈن قوبۇل بولۇشقا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن؛ ئۇنى پۇلاڭلاتقان ۋاقىت بولسا شاباتنىڭ ئەتىسى بولىدۇ.
12سىلەر ئۇنى پۇلاڭلاتقان كۈندە سىلەر بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم بىر قوزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار؛
13شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇڭلار؛ بۇنىڭغا قوشۇپ شاراب ھەدىيە سۈپىتىدە شارابتىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرىنى سۇنۇڭلار.
14سىلەر خۇدايىڭلارغا خاس بولغان بۇ ھەدىيەنى سۇنىدىغان كۈندىن ئىلگىرى يېڭى ھوسۇلدىن ھېچنېمىنى، نە نان نە قوماچ نە كۆك باش بولسۇن يېمەڭلار. بۇ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.
15ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛
16يەتتىنچى شاباتنىڭ ئىككىنچى كۈنىگىچە ئەللىك كۈننى ساناڭلار؛ ئاندىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى ھوسۇلدىن بىر ئاشلىق ھەدىيە سۇنۇڭلار.
17ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان جايلاردىن پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسىدە ئېتىلگەن ئىككى ناننى ئېلىپ كەلتۈرۈڭلار؛ ئۇلار ئېچىتقۇ سېلىپ ئېتىلگەن بولسۇن؛ بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان دەسلەپكى ھوسۇل ھەدىيەسى دەپ ھېسابلىنىدۇ.

Read لاۋىيلار 23لاۋىيلار 23
Compare لاۋىيلار 23:5-17لاۋىيلار 23:5-17