Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 23

لاۋىيلار 23:22-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
22ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ‫‪‎-‎‬‬پۇچقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالماڭلار، ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
23پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
24سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ سىلەر يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تولۇق ئارام ئېلىپ، كانايلار چېلىنىش بىلەن ئەسلەتمە يوسۇندا ھېيت قىلىپ، مۇقەددەس سورۇنلارنى تۈزۈڭلار.   
25ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بىر قۇربانلىق سۇنۇڭلار.
26پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
27يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى بولسا كافارەت كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى بولىدۇ؛ شۇ كۈنى نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقنى سۇنۇڭلار؛   
28ئۇ كۈندە ھېچقانداق ئىش‫‪‎-‎‬‬ئەمگەك قىلماڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر كافارەت كۈنى بولۇپ، شۇ كۈن ئۆزۈڭلار ئۈچۈن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئالدىدا كافارەت قىلىنىشقا بېكىتىلگەندۇر.
29ھەركىم شۇ كۈنى نەپسىنى تارتماي ئۆزىنى تۆۋەن تۇتمىسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
30كىمدەكىم شۇ كۈندىمۇ ھەرقانداق بىر ئىش قىلسا، مەن شۇ ئادەمنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
31شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ بۇ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە سىلەر ئۈچۈن قەيەردە تۇرساڭلار بىر ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ.
32ئۇ كۈن سىلەر ئۈچۈن تولۇق ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولىدۇ؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى گۇگۇمدىن تارتىپ ئەتىسى گۇگۇمغىچە شابات كۈنىگە رىئايە قىلىپ ئارام ئېلىڭلار.
33پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
34سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ.   

Read لاۋىيلار 23لاۋىيلار 23
Compare لاۋىيلار 23:22-34لاۋىيلار 23:22-34