Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 21

لاۋىيلار 21:6-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6بەلكى ئۇلار ئۆز خۇداسىغا مۇقەددەس تۇرۇپ، خۇداسىنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلارنى، ئۆز خۇداسىنىڭ نېنىنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار مۇقەددەس بولۇشى كېرەك.
7ئۇلار بىر ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالغاندا پاھىشە ئايالنىمۇ، بۇزۇق ئايالنىمۇ ئالماسلىقى كېرەك ۋە ئېرى قويۇۋەتكەن ئايالنىمۇ ئالمىسۇن. چۈنكى كاھىن بولسا ئۆز خۇداسىغا خاس مۇقەددەس قىلىنغان.
8ئۇ خۇدايىڭنىڭ نېنىنى سۇنغىنى ئۈچۈن ئۇ ساڭا نىسبەتەن مۇقەددەس دەپ سانىلىشى كېرەك؛ چۈنكى سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈم مۇقەددەستۇرمەن.
9ئەگەر بىر كاھىننىڭ قىزى پاھىشىلىك قىلىپ ئۆزىنى بۇلغىغان قىلسا، ئۆز ئاتىسىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
10بېشىغا مەسىھلەش زەيتۇن مېيى تۆكۈلگەن، كاھىنلىق كىيىملەرنى كىيىشكە تىكلەنگەن، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدا باش كاھىن قىلىنغان كىشى يالاڭباش بولمىسۇن، كىيىملىرىنىمۇ يىرتمىسۇن؛
11ئۇ يەنە ھېچ ئۆلۈككە يېقىنلاشماسلىقى كېرەك، ھەتتا ئاتىسى ۋە ياكى ئانىسىنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ ۋەجىدىن ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك.
12ئۇ ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقاندا مۇقەددەس جايدىن ھەرگىز ئايرىلمىسۇن ۋە شۇنىڭدەك خۇداسىنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇنىڭ خۇداسىنىڭ ئۇنى ئۆزىگە خاس قىلغان «مەسىھلەش مېيى» ئۇنىڭ بېشىدا تۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13ئۇ خوتۇن ئالسا پاك قىزنى ئېلىشى كېرەك؛
14تۇل ۋە ياكى ئەردىن قويۇۋېتىلگەن ئايال ۋە ياكى بۇزۇق ۋە ياكى پاھىشە ئايال بولسا بۇلارنى ئالماسلىقى، بەلكى ئۆز خەلقىدىن بولغان پاك قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىشى كېرەك.
15بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن.
16پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
17سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ «ئەۋلادتىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛
18مېيىپ بولغان ھەرقانداق كىشى ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ــ ياكى كور بولسۇن، توكۇر بولسۇن، پاناق بولسۇن ياكى بىر ئەزاسى يەنە بىر جۈپىدىن ئۇزۇن بولغان ئادەم بولسۇن،
19پۇتى ياكى قولى سۇنۇق بولسۇن،

Read لاۋىيلار 21لاۋىيلار 21
Compare لاۋىيلار 21:6-19لاۋىيلار 21:6-19