15بولمىسا ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئۇرۇقىنى ناپاك قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار مەندۇرمەن.
16پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
17سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛