Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 20

لاۋىيلار 20:2-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلسۇن.
3ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
4ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە،
5مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
6جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
7شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
8قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Read لاۋىيلار 20لاۋىيلار 20
Compare لاۋىيلار 20:2-8لاۋىيلار 20:2-8