Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 20

لاۋىيلار 20:13-26

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
14ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ.  
15بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار.
16ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
17بىرسى ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
18بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
19سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
20بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ.
21بىرسى ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا‫‪‎-‎‬‬ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ.  
22سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.
23سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم‫‪‎-‎‬‬قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى.
24شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە‫‪:‬‬ «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
25شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.
26سىلەر ماڭا خاس پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن.

Read لاۋىيلار 20لاۋىيلار 20
Compare لاۋىيلار 20:13-26لاۋىيلار 20:13-26