Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 20

لاۋىيلار 20:1-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما‫‪‎-‎‬‬كېسەك قىلسۇن.
3ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
4ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە،
5مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
6جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
7شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
8قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
10ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ.
11ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.  
12بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
13بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
14ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ.  
15بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار.
16ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
17بىرسى ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر‫‪‎-‎‬‬ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
18بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
19سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا‫‪‎-‎‬‬سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.

Read لاۋىيلار 20لاۋىيلار 20
Compare لاۋىيلار 20:1-19لاۋىيلار 20:1-19