9سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلنى يىغساڭلار، سەن ئېتىزىڭنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تامام يىغىۋالما ۋە ھوسۇلۇڭدىن قالغان ۋاساڭنى تېرىۋالمىغىن.
10ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
11سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار.
12مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.