14گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
15ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز-خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.
16ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
17سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا گۇناھ بولسا سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت بەرگىن.
18سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
19سىلەر مېنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە.
20ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز-چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز-چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن.