Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 19

لاۋىيلار 19:10-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ئۈزۈم تاللىرىڭنى پاساڭدىۋاتما ۋە ئۈزۈم تاللىرىدىن چۈشكەن ئۈزۈملەرنىمۇ تېرىۋالما، بەلكى بۇلارنى كەمبەغەللەر بىلەن مۇساپىرلارغا قويغىن. مەن ئۆزۈم خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
11سىلەر ئوغرىلىق قىلماڭلار، ئالدامچىلىق قىلماڭلار، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار.
12مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان قەسەم ئىچمەڭلار، ئۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى بۇلغايسەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13ئۆز قوشناڭغا زۇلۇم قىلما، ئۇنىڭكىنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىۋالما. مەدىكارنىڭ ھەققىنى كېچىچە يېنىڭدا قوندۇرۇپ قالما.
14گاس كىشىنى تىللىما، كور كىشىنىڭ ئالدىدا پۇتلىشاڭغۇ نەرسىنى قويما؛ بەلكى ئۆز خۇدايىڭدىن قورققىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
15ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ھېچ ناھەقلىق قىلماڭلار؛ نامراتقىمۇ يان باسماي، بايغىمۇ يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرە قىلماي، بەلكى ئادىللىق بىلەن ئۆز قوشناڭ ئۈستىدىن توغرا ھۆكۈم قىلغىن.
16ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا گەپ توشۇغۇچى بولۇپ يۈرمە؛ قوشناڭنىڭ جېنىغا ھېچقانداق زىيان‫‪‎-‎‬‬زەخمەت يەتكۈزمە. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
17سەن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭدىن نەپرەتلەنمىگىن؛ قوشناڭدا گۇناھ بولسا سەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بېشىڭغا گۇناھ كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەنبىھ‫‪‎-‎‬‬نەسىھەت بەرگىن.
18سەن ئىنتىقام ئالمىغىن ۋە ئۆز خەلقىڭنىڭ نەسلىگە ھېچ ئاداۋەتمۇ ساقلىمىغىن، بەلكى قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
19سىلەر مېنىڭ قانۇن‫‪‎-‎‬‬بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇڭلار. سەن ئۆز چارپايلىرىڭنى باشقا نەسىللەر بىلەن چېپىشتۇرما، ئېتىزىڭغا ئىككى خىل ئۇرۇق سالمىغىن، ئىككى خىل يىپتىن توقولغان كىيىمنى كىيمە.
20ئەگەر بىر ئەر كىشى قىز‫‪‎-‎‬‬چوكان بىلەن يېتىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋە ئۇ باشقا بىرى بىلەن ۋەدىلەشكەن دېدەك بولسا، بۇ دېدەكنىڭ ھۆرلۈك پۇلى تاپشۇرۇلمىغان بولسا، ياكى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلمىگەن بولسا، مۇۋاپىق جازا بېرىلسۇن. لېكىن قىز‫‪‎-‎‬‬چوكان ھۆر قىلىنمىغاچقا، ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلمىسۇن.
21ئەر كىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بىر قوچقار بولسۇن.
22كاھىن ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قوچقارنى ئېلىپ ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ.
23سىلەر زېمىنغا كىرىپ ھەرخىل يەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەن بولساڭلار، مېۋىلىرىنى «خەتنىسىز» دەپ قاراڭلار؛ ئۈچ يىلغىچە بۇنى «خەتنىسىز» دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن يېمەڭلار.
24تۆتىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ھەممە مېۋىلىرى پەرۋەردىگارغا مەدھىيە سۈپىتىدە مۇقەددەس قىلىپ بېغىشلانسۇن.
25ئاندىن بەشىنچى يىلدىن تارتىپ سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە باشلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار زېمىن مەھسۇلاتلىرىنى سىلەرگە زىيادە قىلىدۇ. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Read لاۋىيلار 19لاۋىيلار 19
Compare لاۋىيلار 19:10-25لاۋىيلار 19:10-25