Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 15

لاۋىيلار 15:14-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن.
15كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
16ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
17شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
18ئەر ۋە ئايال كىشى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
19ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
20«ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن.
21ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
22ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
23ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.

Read لاۋىيلار 15لاۋىيلار 15
Compare لاۋىيلار 15:14-23لاۋىيلار 15:14-23