Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 15

لاۋىيلار 15:1-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
2ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار‫‪:‬‬ ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن.
3ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛
4مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ.
5كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
6شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
7كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
8ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
9قايسىبىر ئېگەر‫‪‎-‎‬‬توقۇمنىڭ ئۈستىگە ئاقما بولغان كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن.
10كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
11ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
12ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن.
13قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ.
14سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن.
15كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
16ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
17شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
18ئەر ۋە ئايال كىشى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
19ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
20«ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن.
21ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
22ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.
23ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن.

Read لاۋىيلار 15لاۋىيلار 15
Compare لاۋىيلار 15:1-23لاۋىيلار 15:1-23