Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 14

لاۋىيلار 14:3-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3كاھىن چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ، پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ بولغان كىشىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ بولغان كىشى كېسىلىدىن ساقايغان بولسا،
4ئۇنداقتا كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە پاك، تىرىك قۇشتىن ئىككىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇسۇن.
5ئاندىن كاھىن قۇشلارنىڭ بىرىنى ئېقىن سۇ قاچىلانغان ساپال كوزىنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلاڭلار دەپ بۇيرۇسۇن؛
6ئاندىن تىرىك قۇشنى بولسا، كاھىن ئۇنى كېدىر ياغىچى، قىزىل رەخت ۋە زوفا بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قۇش بىلەن بىرگە ئېقىن سۇنىڭ ئۈستىدە بوغۇزلانغان قۇشنىڭ قېنىغا چىلىسۇن،
7ئاندىن پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشىگە يەتتە قېتىم سېپىشى بىلەن ئۇنى پاك دەپ جاكارلىسۇن؛ ۋە تىرىك قۇشنى دالاغا قويۇپ بەرسۇن.
8پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋدىن پاك قىلىنىدىغان كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىدىكى بارلىق تۈكلەرنى چۈشۈرۈپ، سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن پاك ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا چېدىرگاھقا كىرىشكە ئىجازەت بولىدۇ؛ پەقەت ئۇ يەتتە كۈنگىچە ئۆز چېدىرىنىڭ تېشىدا تۇرۇشى كېرەك.
9يەتتىنچى كۈنى ئۇ بەدىنىدىكى ھەممە تۈكلەرنى چۈشۈرسۇن؛ باشنىڭ چاچ‫‪‎-‎‬‬ساقاللىرى ۋە قېشىنى، يەنى بارلىق تۈكلىرىنى چۈشۈرسۇن؛ ئۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن پاك بولىدۇ.
10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى بېجىرىم ئەركەك قوزا بىلەن بىر ياشقا كىرگەن بېجىرىم چىشى قوزىدىن بىرنى، شۇنىڭدەك بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن «ئاشلىق ھەدىيە»نى، بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن.
11ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلايدىغان بۇ رەسىم‫‪‎-‎‬‬قائىدىنى ئۆتكۈزىدىغان كاھىن پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر قىلسۇن.
12ئاندىن كاھىن ئەركەك قوزىلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ بىر لوگ زەيتۇن مېيىنىمۇ كەلتۈرۈپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.

Read لاۋىيلار 14لاۋىيلار 14
Compare لاۋىيلار 14:3-12لاۋىيلار 14:3-12