Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 14

لاۋىيلار 14:18-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
18سۈرۈپ بولۇپ، كاھىن قولىدىكى ئېشىپ قالغان ماينى پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ بېشىغا قۇيسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ.
19ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنى ناپاكلىقىدىن پاك قىلىشقا كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى بوغۇزلىسۇن.
20كاھىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەنى قۇربانگاھتا سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇ كىشى پاك بولىدۇ.
21لېكىن ئۇ كەمبەغەللىكتىن شۇنداق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۆزىگە كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە يالغۇز بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئاشلىق ھەدىيە ئۈچۈن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىگە باراۋەر زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بىلەن بىر لوگ زەيتۇن مېيىنى كەلتۈرسۇن
22ۋە ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكا ئېلىپ كەلسۇن؛ بىرى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن؛
23سەككىزىنچى كۈنى بۇلارنى ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن.
24كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدىغان ئەركەك قوزا بىلەن شۇ بىر لوگ ماينى ئېلىپ، بۇلارنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن.
25ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىنغان ئەركەك قوزىنى بولسا ئۆزى بوغۇزلىسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، پاك قىلىنىدىغان كىشىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرسۇن.
26ئاندىن كاھىن مايدىن ئېلىپ، سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا ئازغىنا قۇيسۇن.
27شۇنداق قىلىپ، كاھىن ئوڭ بارمىقى بىلەن سول قولىدىكى مايدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قېتىم سەپسۇن.

Read لاۋىيلار 14لاۋىيلار 14
Compare لاۋىيلار 14:18-27لاۋىيلار 14:18-27