Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 13

لاۋىيلار 13:2-56

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە بىر چىقان، ياكى تەمرەتكە ياكى پارقىراق تاشما چىقىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنىنىڭ تېرىسىدە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىنىڭ جاراھىتى پەيدا بولغان بولسا، ئۇ كىشى ھارۇن كاھىننىڭ ياكى ئۇنىڭ كاھىن ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن.
3كاھىن ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ جاراھىتىگە قارايدۇ؛ جاراھەت بولغان جاينىڭ تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن ھەمدە جاراھەتمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، بۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسەللىكىدۇر. شۇڭا كاھىن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن.
4لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدىكى پەيدا بولغان ئاشۇ يالتىراق چىقان ئاق بولۇپ، ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنمىسە ۋە تۈكىمۇ ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن بۇ جاراھەت بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
5يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا قارىسۇن ۋە ئەگەر جاراھەت ئوخشاش تۇرۇپ، تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، كاھىن ئۇنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
6يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە جاراھەتنىڭ رەڭگى سۇسلاشقان ۋە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ جاراھەتنىڭ پەقەت بىر چاقا ئىكەنلىكى بېكىتىلىپ، كېسەل كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ پاك سانالسۇن.
7لېكىن ئەگەر ئۇ كاھىنغا كۆرۈنۈپ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن شۇ چاقا تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇنداقتا ئۇ يەنە بىر قېتىم كاھىنغا كۆرۈنسۇن.
8كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋدۇر.
9ئەگەر بىركىمدە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتى پەيدا بولۇپ قالسا كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلسۇن.
10كاھىن ئۇنىڭ جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ۋە ئەگەر تېرىسىدە ئاق بىر چىقان پەيدا بولغان، تۈكى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا ۋە چىقان چىققان جايدا ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشى كۆرۈنۈپ قالغان بولسا،
11بۇ ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە چۈشكەن كونا پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشى بولۇپ، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئۇ ناپاك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى سولاشنىڭ ھاجىتى يوق.
12لېكىن ئەگەر پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا،
13ئۇنداقتا كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ مانا، شۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتى پۈتۈن بەدىنىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، ئۇ جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ «پاك» دەپ سانالسۇن.
14لېكىن قاچانىكى ئۇنىڭدا ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشى كۆرۈنۈپ قالسا، ئۇ كىشى ناپاك سانالسۇن.
15كاھىن مۇنداق كۆرۈنگەن ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشىگە قاراپ، ئۇ كىشىنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى شۇ ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆش ناپاك بولۇپ، ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر.
16ھالبۇكى، ئەگەر ئەت‫‪‎-‎‬‬گۆشى قايتىدىن ئۆزگىرىپ، ئاقارسا ئۇ كىشى يەنە كاھىننىڭ قېشىغا كەلسۇن.
17كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ جاراھەت ئاقارغان بولسا، كاھىن جاراھىتى بار كىشىنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ پاك سانىلىدۇ.
18ئەگەر بىركىمنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىگە ھۈررەك چىقىپ ساقىيىپ،
19ھۈررەكنىڭ ئورنىدا ئاق چىقان ياكى قىزغۇچ داغ پەيدا بولغان بولسا، كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
20كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر.
21لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، داغ چىققان جايدا ئاقىرىپ قالغان تۈكلەر بولمىسا، ۋە داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولمىسا، رەڭگى سەل سۇسراق بولغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
22ئەگەر داغ دەرۋەقە تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
23ئەمما ئەگەر داغ ئۆز جايىدا توختاپ يېيىلمىغان بولسا، بۇ پەقەت ھۈررەكنىڭ زەخمى، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن.
24ئەگەر بىرسىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىنىڭ مەلۇم جايى كۆيۈپ قېلىپ، كۆيگەن جاي ئاق‫‪‎-‎‬‬قىزغۇچ ياكى پۈتۈنلەي ئاق داغ بولۇپ قالسا،
25كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
26لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، داغنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئاقىرىپ كەتكەن تۈك بولمىسا، شۇنداقلا داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق بولمىسا، بەلكى رەڭگى سۇس بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
27يەتتىنچى كۈنى كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن؛ داغ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ جاراھىتىدۇر.
28ئەمما ئەگەر داغ جايىدا توختاپ، يېيىلمىغان بولسا، شۇنداقلا رەڭگى سۇس بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن بولغان چاۋارتقۇ، خالاس؛ كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ كۆيۈكنىڭ تاتۇقى، خالاس.
29ئەگەر بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بېشىدا ياكى ساقىلىدا جاراھەت پەيدا بولسا،
30كاھىن جاراھەتكە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر جاراھەت ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، ئۈستىدە شالاڭ سېرىق تۈك بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ جاراھەت قاقاچ بولۇپ، باش ياكى ساقالدىكى پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋنىڭ ئالامىتىدۇر.
31ئەگەر كاھىن قاقاچ جايغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق قارا تۈكمۇ بولمىسا، ئۇنداقتا كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
32كاھىن يەتتىنچى كۈنى قاقاچقا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ قاقاچ كېڭىيىپ كەتمەي، ئۈستىدىمۇ ھېچقانداق سېرىق تۈك بولمىسا، شۇنداقلا قاقاچ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە،
33جاراھىتى بار كىشى بارلىق چاچ‫‪‎-‎‬‬ساقىلىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن؛ قاقاچنىڭ ئۆزىنى غىردىمىسۇن. كاھىن قاقىچى بار كىشىنى يەنە يەتتە كۈنگىچە ئايرىم سولاپ قويسۇن.
34يەتتىنچى كۈنى كاھىن قاقاچقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىق كۆرۈنمىسە، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن ئۇ كىيىملىرىنى يۇسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاك سانىلىدۇ.
35لېكىن ئەگەر ئۇ «پاك» دەپ جاكارلانغاندىن كېيىن قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتسە،
36كاھىن ئۇنىڭغا يەنە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر قاقاچ تېرىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، سېرىق تۈكنىڭ بار‫‪‎-‎‬‬يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ چۈنكى بۇ كىشى ناپاكتۇر.
37ئەگەر قاقاچ جايىدا شۇ پېتى قېلىپ، ئۈستىدىن قارا تۈك ئۈنۈپ چىققان بولسا، قاقاچ ساقايغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى پاك بولغاچقا، كاھىن ئۇنى «پاك» دەپ جاكارلىشى كېرەك.
38ئەگەر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تېرىسىدە داغ پەيدا بولۇپ، بۇ داغلار پارقىراق ھەم ئاق بولسا
39كاھىن سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسىدىكى شۇ داغلار سۇسلىشىپ بوز رەڭگە يۈزلەنگەن بولسا، بۇ تېرىدىن چىققان بىر تاشما، خالاس؛ بۇ كىشى پاك سانالسۇن.
40ئەگەر بىركىمنىڭ بېشىنىڭ تۈكلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ پەقەت بىر تاقىر باش، خالاس؛ ئۇ پاك سانالسۇن.
41ئەگەر ئۇنىڭ بېشىنىڭ تۈكى پېشانە تەرىپىدىن چۈشكەن بولسا، ئۇ پەقەت پاينەكباش، خالاس؛ ئۇ يەنىلا پاك سانالسۇن.
42لېكىن ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدا قىزغۇچ ئاق داغ كۆرۈنسە، ئۇنداقتا شۇ جاراھەت ئۇنىڭ تاقىر بېشى ياكى پاينەك بېشىدىكى پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتىدۇر.
43كاھىن جاراھىتىگە سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ تاقىر بېشىدا ياكى پاينەك بېشىدا ئىششىق جاراھەت بولسا ھەمدە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىنىڭ ئالامىتىدەك قىزغۇچ ئاق كۆرۈنسە،
44ئۇنداقتا ئۇ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم بولۇپ، ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق جاراھەت چۈشكەن بولغاچ، كاھىن ئۇنى مۇتلەق «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن.
45شۇنداق جاراھىتى بار پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت‫‪‎-‎‬‬ساقىلى يېپىقلىق ھالدا‫‪:‬‬ «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك.   
46شۇ جاراھىتى بولغان بارلىق كۈنلەردە ئۇ «ناپاك» سانىلىدۇ؛ ئۇ ناپاك بولغاچقا، ئايرىم تۇرۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا بولسۇن.
47ئەگەر بىر كىيىمدە، مەيلى يۇڭدىن ياكى كاناپتىن تىكىلگەن بولسۇن ئۇنىڭدا پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى پەيدا بولسا،
48يەنى كاناپ ياكى يۇڭدىن توقۇلغان رەختتە، ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپلىرىدا بولسۇن، تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا ياكى تېرىدىن ئېتىلگەن ھەرقانداق نەرسىلەردە پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى بولسا،
49شۇنداقلا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ «پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
50كاھىن داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن.
51ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز‫‪‎-‎‬‬داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ چۈشكەن كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدا ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ چىرىتكۈچ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن.
52شۇنىڭدەك كاھىن ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپىدا ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ بولسا كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەك ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە شۇنداق ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ بولسا ئۇلارنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتسۇن؛ چۈنكى بۇ چىرىتكۈچ پېسە‫‪‎-‎‬‬ماخاۋ كېسىلىدۇر. مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش كېرەكتۇر.
53لېكىن كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىغاندا، ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتىكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ئارقاق يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ كېڭەيمىگەن بولسا،
54ئۇنداقتا كاھىن دېغى بار نەرسىنى يۇيۇلسۇن دەپ بۇيرۇپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنى يەتتە كۈنگىچە ساقلىسۇن.
55بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز‫‪‎-‎‬‬دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز‫‪‎-‎‬‬داغ ھېسابلىنىدۇ.
56لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە‫‪‎-‎‬‬خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن.

Read لاۋىيلار 13لاۋىيلار 13
Compare لاۋىيلار 13:2-56لاۋىيلار 13:2-56