4لېكىن كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە: چۈنكى ئۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس. شۇڭا ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
5سۇغۇر بولسا كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
6توشقان بولسا بۇمۇ كۆشىگىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەس ــ ئۇ سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
7چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ.