Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 11

لاۋىيلار 11:27-37

Help us?
Click on verse(s) to share them!
27تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن تاپىنى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ناپاك بولۇپ، ھەركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تەنلىرىگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ.
28كىمكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كۆتۈرسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇشى كېرەك، ئۇ كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك تۇرىدۇ. بۇ ھايۋانلار بولسا سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
29يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە ھارام بولغانلار مۇنۇلار‫‪:‬‬ ــ قارىغۇ زوكور، چاشقان، كەسلەنچۈك ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى،
30سالما، قىزىل كەسلەنچۈك، تام كەسلەنچۈكى، تۈگۈرۈك كەسلەنچۈك ۋە خامېلېئون قاتارلىقلار ھارام بولىدۇ.
31بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى ھەممە ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ھارام بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ.
32بۇ جانىۋارلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق نېمىگە چۈشۈپ قالسا شۇ نېمە ناپاك ھېسابلىنىدۇ ــ ھەرقانداق ياغاچ قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچا بولسۇن، كىيىم بولسۇن، تېرە بولسۇن، تاغار بولسۇن، ھەرقانداق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولسۇن، سۇغا چىلىنىشى كېرەك؛ ئۇلار كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىپ، كېيىن پاك بولىدۇ.
33بۇلارنىڭ بىرى ساپالدىن ياسالغان ھەرقانداق قاچا ئىچىگە چۈشۈپ قالسا، شۇ قاچا ئىچىدىكى ھەممە نەرسە ناپاك سانالسۇن ۋە قاچا ئۆزى سۇندۇرۇلسۇن.
34ئەگەر قاچىدىكى سۇدىن ئاش‫‪‎-‎‬‬تائام ئۈستىگە چاچراپ كەتسە، ئاش‫‪‎-‎‬‬تائام ناپاك سانالسۇن ۋە شۇنداقلا قاچىدىكى ھەرقانداق ئىچىملىكمۇ ناپاك سانالسۇن.
35ھەرنېمىگە ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى چۈشۈپ قالسىمۇ، ناپاك سانالسۇن. ئەگەر تونۇر ۋە ئوچاق بولسا، ناپاك بولدى دەپ چېقىۋېتىلسۇن؛ ئۇلار سىلەرگە ھارام بولسۇن.
36لېكىن شۇنداق ئەھۋالدا بۇلاق ياكى سۇ يىغىلىدىغان كۆلچەك يەنىلا پاك سانىلىدۇ؛ ئەمما بىركىم ئۇلارنىڭ ئۆلۈك تېنىگە تەگسە ناپاك بولىدۇ.
37ئەگەر ئۇنداق ئۆلۈكنىڭ بىرەر قىسمى تېرىشقا تەييارلانغان دانلارغا چۈشۈپ قالسا، بۇمۇ يەنىلا پاك سانىلىدۇ.

Read لاۋىيلار 11لاۋىيلار 11
Compare لاۋىيلار 11:27-37لاۋىيلار 11:27-37