13ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى،
14قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق سار، لاچىن ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،
15ھەممە قاغا-قوزغۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،
16مۈشۈكياپىلاق، تۆگىقۇش، چايكا، سار ۋە ئۇلارنىڭ خىللىرى،
17ھۇۋقۇش، قارنا، ئىبىس،
18ئاققۇ، ساقىيقۇش، بېلىقئالغۇچ،
19لەيلەك، تۇرنا ۋە ئۇنىڭ خىللىرى، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ قاتارلىقلار سىلەرگە ھارام سانالسۇن.