Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 8

كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:6-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6«مېنى كۆڭلۈڭگە مۆھۈردەك، بىلىكىڭگە مۆھۈردەك باسقايسەن؛ چۈنكى مۇھەببەت ئۆلۈمدەك كۈچلۈكتۇر؛ مۇھەببەتنىڭ قىزغىنىشى تەھتىسارادەك رەھىمسىز؛ ئۇنىڭدىن چىققان ئوت ئۇچقۇنلىرى، ــ ياھنىڭ دەھشەتلىك بىر يالقۇنىدۇر!
7كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى‫‪:‬‬ «ئۆي‫‪‎-‎‬‬تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ».
8«بىزنىڭ كىچىك سىڭلىمىز باردۇر، بىراق ئۇنىڭ كۆكسى يوقتۇر؛ سىڭلىمىزغا ئەلچىلەر كەلگەن كۈنىدە بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىمىز؟»
9«ئەگەر ئۇ سېپىل بولسا، بىز ئۇنىڭغا كۈمۈش مۇنار سالىمىز؛ ئەگەر ئۇ ئىشىك بولسا، بىز ئۇنى كېدىر تاختايلار بىلەن قاپلايمىز».
10«ئۆزۈم بىر سېپىلدۇرمەن، ھەم مېنىڭ كۆكسىلىرىم مۇنارلاردەكتۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خاتىرجەملىك تاپقان بىرسىدەك بولدۇم».
11«سۇلايماننىڭ بائال‫‪‎-‎‬‬ھاموندا ئۈزۈمزارى بار ئىدى، ئۈزۈمزارىنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بەردى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېۋىسى ئۈچۈن مىڭ تەڭگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى؛
12ئۆزۈمنىڭ ئۈزۈمزارىم مانا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مىڭ تەڭگىسى ساڭا بولسۇن، ئى سۇلايمان، شۇنىڭدەك ئىككى يۈز تەڭگە مېۋىسىنى باققۇچىلارغا بولسۇن».
13«ھەي باغلاردا تۇرغۇچى، ھەمراھلار ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇسى بار؛ ماڭىمۇ ئۇنى ئاڭلاتقۇزغايسەن».
14«ئى سۆيۈملۈكۈم، تېز بولە، جەرەن ياكى ياش بۇغىدەك بول، تېتىتقۇلار تاغلىرى ئۈستىدە يۈگۈرۈپ!»

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 8كۈيلەرنىڭ كۈيى 8
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:6-14كۈيلەرنىڭ كۈيى 8:6-14