9بىراق مېنىڭ پاختىكىم، غۇبارسىزىم بولسا بىردىنبىردۇر؛ ئانىسىدىن تۇغۇلغانلار ئىچىدە تەڭداشسىز بولغۇچى، ئۆزىنى تۇغقۇچىنىڭ تاللىغىنىدۇر. قىزلار ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتاشتى، خانىشلار ۋە كېنىزەكلەرمۇ كۆرۈپ ئۇنى ماختاشتى».
10«تاڭ سەھەر جاھانغا قارىغاندەك، ئايدەك گۈزەل، ئايدىڭدەك روشەن، ئىللىق قۇياشتەك يورۇق، تۇغلارنى كۆتۈرگەن قوشۇنلاردەك ھەيۋەتلىك بولغۇچى كىمدۇر؟»
11«مېغىزلار بېغىغا چۈشتۈم، جىلغىدىكى گۈل-گىياھلارنى كۆرۈشكە، ئۈزۈم تېلىنىڭ بىخلىغان-بىخلىمىغانلىقىنى كۆرۈشكە، ئانارلارنىڭ چېچەكلىگەن-چېچەكلىمىگەنلىكىنى كۆرۈشكە؛