Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 5

كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:5-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛ قوللىرىمدىن مۇرمەككى، بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى، تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛
6سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛ بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى. ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛ ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛ ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛
7شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛ سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى.
8ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، سۆيۈملۈكۈمنى تاپساڭلار، ئۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ئۇنىڭغا، سۆيگىنىڭ‫‪:‬‬ «مەن مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم! ــ دېدى، دەڭلار».
9«سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟».
10«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئاپئاق ۋە پارقىراق، يۈرەكلىك ئەزىمەت، ئون مىڭ ئارىسىدا تۇغدەك كۆرۈنەرلىكتۇر؛
11ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىندۇر، بۇدۇر چاچلىرى ئاتنىڭ يايلىدەك، تاغ قاغىسىدەك قارا.
12ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېقىنلار بويىدىكى پاختەكلەردەك، سۈت بىلەن يۇيۇلغان، يارىشىقىدا قويۇلغان؛
13ئۇنىڭ مەڭزىلىرى بىر تەشتەك پۇراقلىق ئۆسۈملۈكتەكتۇر؛ ئاينىغان يېقىملىق گۈللۈكتەك؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى نىلۇپەر، ئۇلار سۇيۇق مۇرمەككىنى تېمىتىدۇ؛
14ئۇنىڭ قوللىرى ئالتۇن تۇرۇبىلار، ئىچىگە بېرىل ياقۇتلار قۇيۇلغان. قورسىقى نەقىشلىك پىل چىشلىرىدىن ياسالغان، كۆك ياقۇتلار بىلەن بېزەلگەن.
15ئۇنىڭ پۇتلىرى مەرمەر تۈۋرۈكلەر، ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن. ئۇنىڭ سالاپىتى لىۋاننىڭكىدەك، كېدىر دەرەخلىرىدەك كۆركەم‫‪‎-‎‬‬ھەيۋەتلىكتۇر.

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 5كۈيلەرنىڭ كۈيى 5
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:5-15كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:5-15