Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 5

كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:1-7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«مەن ئۆز بېغىمغا كىردىم، مېنىڭ سىڭلىم، مېنىڭ جۆرەم؛ مۇرمەككەمنى تېتىتقۇلىرىم بىلەن يىغدىم، ھەرە كۆنىكىمنى ھەسىلىم بىلەن يېدىم؛ شارابىمنى سۈتلىرىم بىلەن ئىچتىم». «دوستلىرىم، يەڭلار! ئىچىڭلار، كۆڭلۈڭلەر خالىغانچە ئىچىڭلار، ئى ئاشىق‫‪‎-‎‬‬مەشۇقلار!»
2«مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، بىراق كۆڭلۈم ئويغاق ئىدى؛ ــ سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ‫‪:‬‬ ــ ــ «ماڭا ئېچىپ بەر، ئى سىڭلىم، ئى ئامرىقىم؛ مېنىڭ پاختىكىم، مېنىڭ غۇبارسىزىم؛ چۈنكى بېشىم شەبنەم بىلەن، چاچلىرىم كېچىدىكى نەملىك بىلەن ھۆل‫‪‎-‎‬‬ھۆل بولۇپ كەتتى!»
3«مەن تۆشەك كىيىملىرىمنى سېلىۋەتكەن، قانداقمۇ ئۇنى يەنە كىيىۋالاي؟ مەن پۇتلىرىمنى يۇدۇم، قانداقمۇ ئۇلارنى يەنە بۇلغاي؟»
4سۆيۈملۈكۈم قولىنى ئىشىك تۆشۈكىدىن تىقتى؛ مېنىڭ ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغرىلىرىم ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەتتى؛
5سۆيۈملۈكۈمگە ئېچىشقا قوپتۇم؛ قوللىرىمدىن مۇرمەككى، بارماقلىرىمدىن سۇيۇق مۇرمەككى تېمىدى، تاقاقنىڭ تۇتقۇچلىرى ئۈستىگە تېمىدى؛
6سۆيۈملۈكۈمگە ئاچتىم؛ بىراق سۆيۈملۈكۈم بۇرۇلۇپ، كېتىپ قالغانىدى. ئۇ سۆز قىلغاندا روھىم چىقىپ كەتكەنىدى؛ ئۇنى ئىزدىدىم، بىراق تاپالمىدىم؛ ئۇنى چاقىردىم، بىراق ئۇ جاۋاب بەرمىدى؛
7شەھەرنى ئايلىنىدىغان جېسەكچىلەر مېنى ئۇچرىتىپ مېنى ئۇردى، مېنى يارىلاندۇردى؛ سېپىللاردىكى كۆزەتچىلەر چۈمپەردەمنى مەندىن تارتىۋالدى.

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 5كۈيلەرنىڭ كۈيى 5
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:1-7كۈيلەرنىڭ كۈيى 5:1-7