Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 4

كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:4-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر.
5ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛
6تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن.
7سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر».
8«لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!»  
9«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ.
10سېنىڭ مۇھەببىتىڭ نېمىدېگەن گۈزەل، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭ شارابتىن شۇنچە شېرىن! سېنىڭ ئەتىرلىرىڭنىڭ پۇرىقى ھەرقانداق تېتىتقۇدىن پەيزىدۇر!
11لەۋلىرىڭ، ئى جۆرەم، ھەرە كۆنىكىدەك تېمىتىدۇ، تىلىڭ ئاستىدا بال ۋە سۈت بار؛ كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلىرىڭنىڭ پۇرىقى لىۋاننىڭ پۇرىقىدۇر؛
12سەن پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم! ئېتىكلىك بىر بۇلاق، يېپىقلىق بىر فونتاندۇرسەن.
13شاخلىرىڭ بولسا بىر ئانارلىق «ئېرەن باغچىسى»دۇر؛ ئۇنىڭدا قىممەتلىك مېۋىلەر، خېنە سۇمبۇل ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن،
14سۇمبۇللار ۋە ئىپارلار، كالامۇس ۋە قوزاقدارچىن، ھەرخىل مەستىكى دەرەخلىرى، مۇرمەككە، مۇئەتتەر بىلەن ھەممە ئېسىل تېتىتقۇلار بار.
15باغلاردا بىر فونتان سەن، ھاياتلىق سۇلىرىنى بېرىدىغان، لىۋاندىن ئاقىدىغان بىر بۇلاقسەن».

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 4كۈيلەرنىڭ كۈيى 4
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:4-15كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:4-15