Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 4

كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:1-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم! مانا، سەن گۈزەل! چۈمپەردەڭ كەينىدە كۆزلىرىڭ پاختەكلەردەك ئىكەن، چاچلىرىڭ گىلېئاد تېغى باغرىدا ياتقان بىر توپ ئۆچكىلەردەكتۇر.
2چىشلىرىڭ يېڭىلا يۇيۇلۇشتىن چىققان قىرقىلغان بىر توپ قويلاردەك؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكېزەك تۇغقانلاردىن، ئۇلار ئارىسىدا ھېچبىرى كەم ئەمەستۇر.
3لەۋلىرىڭ پەرەڭ تال يىپتەك، گەپلىرىڭ يېقىملىقتۇر؛ چۈمبىلىڭ كەينىدە چېكىلىرىڭ پارچە ئاناردۇر.
4بوينۇڭ بولسا، قورالخانا بولۇشقا تەييارلىغان داۋۇتنىڭ مۇنارىدەكتۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىڭ قالقان ئېسىقلىقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالۋانلارنىڭ سىپارلىرىدۇر.
5ئىككى كۆكسۈڭ خۇددى ئىككى مارالدۇر، نىلۇپەر ئارىسىدا ئوزۇقلىنىۋاتقان جەرەننىڭ قوشكېزەكلىرىدەكتۇر؛
6تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، مەن ئۆزۈمنى مۇرمەككە تېغىغا، مەستىكى دۆڭىگە ئېلىپ كېتىمەن.
7سەن پۈتۈنلەي گۈزەل، ئى سۆيۈملۈكۈم، سەندە ھېچ داغ يوقتۇر».
8«لىۋاندىن مەن بىلەن كەلگىن، ئى جۆرەم، مەن بىلەن لىۋاندىن كەلگىن ــ ئاماناھ چوققىسىدىن قارا، سېنىر ھەم ھەرمون چوققىلىرىدىن، يەنى شىرلار ئۇۋىلىرىدىن، يىلپىزلارنىڭ تاغلىرىدىن قارا!»  
9«سەن كۆڭلۈمنى ئالامەت سۆيۈندۈردۈڭ، ئى سىڭلىم، ئى جۆرەم، كۆزۈڭنىڭ بىر لەپ قىلىپ قارىشى بىلەن، بوينۇڭدىكى مارجاننىڭ بىر تال ھالقىسى بىلەن، كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈردۈڭ.

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 4كۈيلەرنىڭ كۈيى 4
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:1-9كۈيلەرنىڭ كۈيى 4:1-9