Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 3

كۈيلەرنىڭ كۈيى 3:6-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6«بۇ زادى كىم، چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار‫‪‎-‎‬‬ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»
7«مانا، ئۇنىڭ تەختىراۋانى، ئۇ سۇلايماننىڭ ئۆزىنىڭدۇر؛ ئەتراپىدا ئاتمىش پالۋان يۈرىدۇ، ئۇلار ئىسرائىلدىكى باتۇرلاردىندۇر.
8ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قىلىچى تۇتۇقلۇق، جەڭ قىلىشقا تەربىيىلەنگەنلەردۇر؛ تۈنلەردىكى ۋەسۋەسىلەرگە تەييار تۇرۇپ، ھەممىسى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئاسىدۇ».
9«سۇلايمان پادىشاھ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر شاھانە سايىۋەنلىك كارىۋات ياسىغان؛ لىۋاندىكى ياغاچلاردىن ياسىغان.
10ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن، سېلىنچىسى بولسا سۆسۈن رەختتىن؛ ئىچى مۇھەببەت بىلەن بېزەلگەن، يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن.
11چىقىڭلار، ئى زىئون قىزلىرى، سۇلايمان پادىشاھغا قاراپ بېقىڭلار، توي بولغان كۈنىدە، كۆڭلى خۇشال بولغان كۈنىدە، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيگۈزگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ بېقىڭلار!»

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 3كۈيلەرنىڭ كۈيى 3
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 3:6-11كۈيلەرنىڭ كۈيى 3:6-11