11بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز».
12«پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛
13مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛
14مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر».
15«مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!»
16«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛