16پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ.
17رەزىللەر، يەنى خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق ئەللەر، ياندۇرۇلۇپ، تەھتىساراغا تاشلىنىدۇ.
18چۈنكى نامراتلار مەڭگۈگە ئەستىن چىقىرىلمايدۇ؛ مۆمىنلەرنىڭ ئۈمىدى مەڭگۈ ئۆچمەي، تۇرىۋېرىدۇ.