Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 94

زەبۇر 94:1-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى ئىتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پەرۋەردىگار! ئى ئىنتىقاملار ئالغۇچى تەڭرى، پارلىغايسەن!
2كۆتۈرۈلگىن، ئۆزۈڭنى كۆتۈرگىن، ئى جاھاننى سوراق قىلغۇچى، مەغرۇرلارغا جازاسىنى بەرگىن!
3قاچانغىچە رەزىللەر، ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە رەزىللەر تەنتەنە قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ؟
4قاچانغىچە ھاكاۋۇرلارچە سۆزلەپ ۋالاقشىيدۇ، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يوغان گەپ قىلىپ يۈرىدۇ؟
5ئۇلار خەلقىڭنى ئېزىدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مىراسىڭغا جەبىر‫‪‎-‎‬‬جاپا سالماقتا.
6تۇل ئايال ۋە غېرىپ‫‪‎-‎‬‬مۇساپىرلارنى قىرىپ، يېتىم‫‪‎-‎‬‬يېسىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ‫‪:‬‬ ــ
7«ياھ كۆرمەيدۇ»، «ياقۇپنىڭ خۇداسى كۆڭۈل بۆلمەيدۇ»، ــ دەيدۇ.
8سىلەر كۆڭۈل قويۇڭلار، ئى ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى! ئەخمەقلەر، قاچان دانا بولىسىلەر؟
9قۇلاقنى تىكلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئاڭلىمامدۇ؟ كۆزنى ياسىغۇچىنىڭ ئۆزى كۆرمەمدۇ؟
10ئەللەرنى تەربىيىلىگۈچى، ئىنسانغا ئەقىل‫‪‎-‎‬‬بىلىم ئۆگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئادەمنى ئەيىبلىمەمدۇ؟
11پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئوي‫‪‎-‎‬‬خىياللىرىنىڭ تۇتامى يوقلۇقىنى بىلىدۇ.
12سەن تەربىيىلىگەن ئادەم بەختلىكتۇر، ئى ياھ، يەنى سەن تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدىن ئەقىل ئۆگىتىدىغان كىشى بەختلىكتۇر!

Read زەبۇر 94زەبۇر 94
Compare زەبۇر 94:1-12زەبۇر 94:1-12