6بىغەم كىشى بۇنى بىلمەس، ھاماقەت بۇنى چۈشەنمەس،
7رەزىللەر ئوت-چۆپتەك ئاينىغاندا، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەندە، مەڭگۈ ھالاك بولۇپ كېتىدىغانلار شۇلاردۇر!
8لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەبەدىلئەبەد ئۈستۈن تۇرىسەن.
9چۈنكى مانا دۈشمەنلىرىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مانا دۈشمەنلىرىڭ يوقىلىدۇ؛ بارلىق قەبىھلىك قىلغۇچىلار تىرىپىرەن قىلىۋېتىلىدۇ!
10مۈڭگۈزۈمنى ياۋايى بۇقىنىڭكىدەك كۆتۈرىسەن؛ بېشىم يېڭى ماي سۈركەپ، مەسىھ قىلىنىدۇ.
11مېنى قەست قىلغانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم كۆرىدۇ؛ ماڭا قارشىلىشىشقا قوزغالغان رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ تەن بەرگەنلىكىنىمۇ قۇلىقىم ئاڭلايدۇ.
12ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ.