6ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر.
7چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز.
8سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ.
9بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز.