3سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ: ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن.
4مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس.
5سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ ــ