Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 90

زەبۇر 90:2-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن.
3سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن.
4مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس.
5سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپكە ئوخشايدۇ ــ
6ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر.
7چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىدە قالىمىز.
8سەن قەبىھلىكلىرىمىزنى كۆز ئالدىڭغا، يوشۇرۇن قىلمىشلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرى ئالدىغا قويدۇڭ.
9بارلىق كۈنلىرىمىز دەرغەزىپىڭ ئاستىدا ئۆتۈپ كېتىدۇ، يىللىرىمىزنى بىر ئۇھ تارتىش بىلەنلا تۈگىتىمىز.
10ئۆمرىمىزنىڭ يىللىرى يەتمىش يىل، ماغدۇرىمىز بار بولسا سەكسەن يىل؛ بىراق ئۇلارنىڭ پەخرى جاپا ۋە بىھۇدىلىكتۇر؛ ھايات تېزلىك بىلەن ئۈزەر، مانا، بىز ئۇچۇپ كەتتۇق.
11ساڭا بولغان ھۆرمەت‫‪‎-‎‬‬ئەيمىنىشنىڭ ئاز‫‪‎-‎‬‬كۆپلۈكىگە قاراپ ھېسابلىنىدىغان، ئاچچىقىڭنىڭ شىددىتىنى كىم بىلسۇن؟
12شۇڭا كۆڭلىمىزنى دانالىققا قويۇشىمىز ئۈچۈن، كۈنلىرىمىزنى ساناشنى بىزگە ئۆگەتكەيسەن!
13يېنىمىزغا قايتقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، سېنى قاچانغىچە...؟! قۇللىرىڭغا رەھىم قىلغايسەن!
14بىزنى ئەتىگەندە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن قاندۇرغايسەن؛ ئۇنداقتا بارلىق كۈنلىرىمىزدە كۈيلەرنى ياڭرىتىپ شادلىنىمىز.
15سەن بىزنى جاپاغا چۆمگەن كۈنلەرگە ئاساسەن، كۈلپەتنى كۆرگەن يىللىرىمىزغا ئاساسەن يەنە خۇرسەن قىلغىن!

Read زەبۇر 90زەبۇر 90
Compare زەبۇر 90:2-15زەبۇر 90:2-15