Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 90

زەبۇر 90:1-7

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ دۇئاسى‫‪:‬‬ ــ يا رەببىم، سەن بارلىق دەۋردە بىزگە ماكان بولۇپ كېلىۋاتىسەن؛
2تاغلار ۋۇجۇدقا كەلمەستىن بۇرۇن، سەن يەر ۋە ئالەمنى شەكىللەندۈرمەستىن بۇرۇن، ئەزەلدىن ئەبەدگىچە تەڭرىدۇرسەن.
3سەن ئىنساننى تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ‫‪:‬‬ ــ «ھەي، ئىنسان بالىلىرى، قايتىڭلار!» ــ دەيسەن.
4مانا، سېنىڭ نەزىرىڭدە مىڭ يىل ــ ئۆتۈپ كەتكەن تۈنۈگۈنكى بىر كۈن، تۈندىكى بىر جېسەكتۇر، خالاس.
5سەن ئادەملەرنى سۇ تاشقىنىدەك ئېلىپ كېتىسەن، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئۇيقۇدەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپكە ئوخشايدۇ ــ
6ئەتىگەندە ئۇلار كۆكىرىپ ئۈنىدۇ، كېچىسى بولسا كېسىلىپ، سولىشىپ كېتەر.
7چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىدە قالىمىز.

Read زەبۇر 90زەبۇر 90
Compare زەبۇر 90:1-7زەبۇر 90:1-7