Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 89

زەبۇر 89:21-34

Help us?
Click on verse(s) to share them!
21قولۇم ئۇنىڭغا يار بولۇشقا بېكىتىلگەن، بىلىكىم ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.
22دۈشمەن ئۇنىڭدىن ھېچ ئالۋان‫‪‎-‎‬‬سېلىق ئالمايدۇ، پەسكەش ئادەم ئۇنى قىستىمايدۇ؛
23بەلكى مەن رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا يانجىيمەن، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن؛
24ئۆز ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىم ھەم مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، ھەم مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزى كۆتۈرۈلىدۇ.
25مەن ئۇنىڭ قولىنى دېڭىز ئۈستىدە، ئوڭ قولىنى دەريالار ئۈستىدە قويىمەن.
26ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى‫‪:‬‬ ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!».
27مەن يەنە ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم دەپ، دۇنيا پادىشاھلىرىدىن ئەڭ يۇقۇرىسى قىلىمەن.
28مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىي قالدۇرىمەن، مېنىڭ ئەھدەم ئۇنىڭ بىلەن مەھكەم تۇرىدۇ؛
29مەن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەبەدىيلەشتۈرىمەن، ئۇنىڭ تەختىنى ئاسماننىڭ كۈنلىرىدەك داۋام قىلدۇرىمەن.
30مۇبادا ئوغۇللىرى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇمدىن چىقىپ، ھۆكۈملىرىم بويىچە يۈرمىسە،
31بەلگىلىمىلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا،
32ــ ئۇ ۋاقىتتا ئىتائەتسىزلىكىنى تاياق بىلەن، گۇناھىنى يارا‫‪‎-‎‬‬جاراھەت بىلەن جازالايمەن.
33لېكىن مۇھەببىتىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزۈپ قويمايمەن، ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىمگە خىيانەت قىلمايمەن؛
34مەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، لەۋلىرىمدىن چىققانلىرىنى ھېچ ئۆزگەرتمەيمەن.

Read زەبۇر 89زەبۇر 89
Compare زەبۇر 89:21-34زەبۇر 89:21-34