13قۇدرەتلىك بىلەك سېنىڭكىدۇر؛ كۈچلۈكتۇر سېنىڭ قولۇڭ، ئوڭ قولۇڭ ھەم كۆتۈرۈكلۈكتۇر.
14تەختىڭنىڭ ئۇلى ھەققانىيلىق ھەم ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-ساداقەت دائىم دىدارىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.
15تەنتەنە ساداسىنى بىلگەن خەلق بەختلىكتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ جامالىڭنىڭ نۇرىدا ماڭىدۇ، ئى پەرۋەردىگار!
16ئۇلار نامىڭدا كۈن بويى شاد بولار، ھەققانىيلىقىڭدا ئۇلار كۆتۈرۈلدى.
17چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ شان-شەرىپى ئۆزۈڭدۇرسەن، سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن مۈڭگۈزىمىز كۆتۈرۈلىدۇ.
18چۈنكى پەرۋەردىگار بىزنىڭ قالقىنىمىز، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى شاھىمىزدۇر.